Derrière les vitrines lumineuses se cachent les ténèbres du travail forcé. L’Institut Ouïghour d’Europe dénonce les accords scandaleux entre @frederic.merlin91 et Shein, et nous appelons les autorités françaises, les citoyen·nes et les marques responsables à se mobiliser contre cette implantation. Aidez-nous en mentionnant Frederic Merlin dans les commentaires !
Appel de Dilnur Reyhan, présidente de l’Institut Ouïghour d’Europe :
« Je suis Dilnur Reyhan, chercheuse franco-ouïghoure et je veux adresser un message à Frederic Merlin : vous êtes une honte !
Mes proches sont enfermés/torturés dans des camps de concentration, les femmes Ouïghoures sont violées et stérilisées massivement pour anéantir notre peuple, 900 000 enfants son séparés de leurs familles, des centaines de milliers de Ouïghours sont réduits en esclavage, au profit des entreprises dont SHEIN…
Et vous, vous osez quoi ? Vous osez dérouler le tapis rouge à SHEIN en France, au coeur de Paris? Vous osez faire la promotion du PDG de SHEIN en vous mettant en scène avec lui sur ce bâtiment emblématique de Paris qu’est le BHV Paris? Vous osez blanchir les crimes de SHEIN et lui donner cette respectabilité ? Vous osez normaliser la pire entreprise de textile au monde ?
Vous devriez mourir de honte. Votre soutien inconditionnel à SHEIN — bras armé du régime communiste chinois, exemple flagrant d’un capitalisme totalitaire, entreprise qui s’enrichit au sang du génocide — est une insulte aux millions de Ouïghours enfermés et torturés par le régime colonial chinois.
Une insulte aux millions de Ouïghours encore dans les camps de concentration et prison. Une insulte aux 900 000 enfants séparés de leurs parents. Une insulte aux centaines de milliers d’esclaves Ouïghours.
Une insulte aux millions d’Ouïghours réprimés et empêchés de pratiquer leur religion, leur culture et leur liberté de conscience. Une insulte à mon peuple colonisé par le régime chinois depuis 1949. L’appât du gain vous a fait perdre tout principe. Nous ne vous laisserons pas faire. Nous vous combattrons jusqu’à que vous mettiez fin à cet accord. »
فىرانسىيەدە بۈگۈن پۈتۈن دىققەت-نەزەر،خىتاي ماركىسى شىېيننىڭ پارىژنىڭ ئەڭ داڭلىق تارىخى سودا مەركىزى ب.ھ.ۋ.دا رەسمىي ماگىزىن ئېچىشىغا قارشى نامايىش ۋە قارشىلىقلاردا بولدى. ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى تۈنۈگۈندىن بېرى، پارىژدىكى ئوخشىمىغان ياشلار ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، بۈگۈن شېيىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۇيۇقسىز بىرلەشمە قارشىلىق ئېلىپ باردى.
فىرانسىيەدە نەچچە ھەپتىدىن بېرى، خىتاي ماركىسى شېيىننىڭ پارىژنىڭ قاق مەركىزىدە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى داڭلىق تارىخى سودا ساراي ب.ھ.ۋ.دا پۈتۈن بىر قەۋەتلىك ماگىزىن ئېچىشىغا قارشى ھەرخىل تىپتىكى ئەيىپلەشلەر ۋە قارشىلىقلار بولۇۋاتقان ئىدى. ب.ھ.ۋ.نىڭ نومۇسسىز شېيىن بىلەن بىرلىشىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ سودا سارايدىكى تارىخى ماركىلاردىن ھازىرغىچە ئوتتۇزغا يېقىنى بىنادىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن پايدا ئېلىۋاتقان خىتاينىڭ بۇ قانخور شىركىتىنىڭ سېتىۋاتقان كىيىملىرى يېقىندا بىرقانچە ياۋروپا لابوراتورىيەلىرىدە تەكشۈرۈلۈپ، 69 پىرسەنتىنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق، زەھەرلىك خىمىيىۋى ماددىلاردىن تەركىپ تاپقانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، بۇ ھەپتە، شېيىننىڭ تور بېتىدە كىچىك قىزلارنىڭ شەكلىدىكى جىنىسىي قورچاقلارنىڭ سېتىلغانلىقى پاش بولۇپ، شېيىنغا قارشى غەزەپلىك نارازىلىقلار فىرانسىيەدە ئەۋجىگە چىقتى. تۈنۈگۈن، فىرانسىيەنىڭ بىر پارلامېنىت ئەزاسى شېيىننىڭ تور بېتىدە، ياۋروپا بازىرىدا چەكلەنگەن قوراللارنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى ۋە شىېيىن تور بېتىنىڭ فىرانسىيەدە چەكلىنىشى تەلەپ قىلىندى. ئارقا-ئارقىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان غەزەپلىك ئاۋازلار نەتىجىسىدە، بۈگۈن فىرانسىيە باش مىنىسىتىرى شېيىن تور بېتىنىڭ فىرانسىيەدە ۋاقىتلىق چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى فىرانسىيەدىكى ياشلار ھەرىكەتلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش ھەرىكەتلىرى بىلەن داۋاملىق بىرلىكتە تاكى خىتاينىڭ شېيىن ۋە تېمۇ ماركىلىرىنىڭ ۋە شېيىن ماگىزىنلىرىنىڭ تامامەن تاقىلىشىغا قەدەر قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى تېمىسىنى بۇ ھەرىكەتلەر بىلەن فىرانسىيە ئېقىم مەسىلىلىرىدىكى تېمىلار قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشىدۇ.




